
ياخشىمۇسىز، مەن مەربىيە. سىزنىڭ پىسخىكا مەسلەھەتچىڭىز ۋە يىتەكچىڭىز

مەن كىم؟
ئونتوققوز يىشىمدىن باشلاپ مىنىڭ ھاياتىمدا نۇرغۇن ئاستىن ئۈستۈنلۈكلەر يۈر بەردى. بۇ ھادىسىلەر مىنى ھاياتنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ يەرلىرىگە ئاپىرىپ تىقىپ قويدىكى، مەن ھاياتىمدا ھىچ بىر ئۈمۈت ۋە چىقىش يولى كۆرەلمىدىم. ئۆتكەن 20 يىل مەن ئۈچۈن ئەڭ جاپالىق بىر مەرگىز بولدى. ھەم مۇشۇ سەۋەپلىك مەن ھاياتتا پىشىپ يىتىلدىم. پىسخىكا ۋە ئىنسانلارغا بولغان چۈشەنچە ۋە بىلىملىرىم پەقەت كىتاپتىنلا ئەمەس بەلكى ھەقىقىي ھايات تەجىربەمدىن كىلىدۇ. سىزگە ياردەم قىلىشمنى خالىسىڭىز ماڭا ئۇچۇر قىلىڭ. دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىڭىزنى قىسقىچە يىزىپ ماڭا يوللاپ.

مەسلەھىەت ئىلىش ھەققىدە
مەسلەھەت ئىلىش توردا ئىلىپ بىرىلىدۇ. مەن كەسپى ئەخلاققا ئەگىشىمەن. سىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىز مىنىڭ مەسۇلىيىتىم. شۇڭا خاتىرجەم ھالدا مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

مەسلەھەت ئىلىش ھەققى
بىر قىتىملىق مەسلەھەت ئىلىش 90 مىنۇت ياكى 60 مىنۇت تاللىسىڭىز بولىدۇ. ۋاقىت ئالغاندا پەقەت 90 مىنۇت ۋاقىتنى كۆرىسىز. ئەگەر 60 مىنۇت مەسلەھەت ئىلىشنى خالىسىڭىز ۋاقىت ئالغاندا بۇنى جەدۋەلگە يىزىپ قويسىڭىز ياكى ماڭا ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ خەۋەر قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر 60 مىنۇت ۋاقىت ئىلىپ، كۆرۈشۈش 90 مىنۇتقا داۋاملىشىپ كەتسە، 90 مىنۇت مەسلەھەت ھەققىنى تۆلەيسىز. 24 سائەت بۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان كۆرۈشۈشنىڭ ھەققى تولۇق تاپشۇرلىدۇ.
مەسلەھەت ئىلىش ھەققى 90 مىنۇت ئۈچۈن 78 ئامرىكا دوللىرى، 60 مىنۇت ئۈچۈن 63 ئامرىكا دوللىرى.