پىروگىراممىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ تور دەرسى

ھاياتتىن ھوزۇر ئىلىش ۋە خاتىرجەملىك سىزنىڭ ھەققىڭىز

ئۆزىڭىزدىكى چەكلىك كۆز قاراشلاردىن ئۈستۈن كىلىشنى، ئ‍ۆزىڭىزنى سۆيۈشنى ۋە سىز ئۈمۈت قىلغان نەرسىلەرنى ھاياتىڭىزدا كۆرۈشنى خالامسىز؟

پىسخىكىڭىزنى ساغلام ھالەتتە تەرەققى قىلدۇرۇشنى ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ئاكتىپ تەسىركۆرسۈتۈشنى خالامسىز؟

بۇ كۇرۇس سىزنىڭ كىچىكىڭىزندىن يىتىلىپ قالغان، سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىز ۋە ھاياتىڭىزنىڭ سۈپۈتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسۈتۈپ كىلىۋاتقان پىروگىراممىڭىزنى يىڭى ۋە ساغلام بولغان پىروگىراممىغا ئايلاندۇرۇشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ

كۇرۇس مەزمۇنلىرى

بۇ كۇرۇس 8 خىل ۋىدىيودىن تەركىپ تاپقان. ھەر بىر ۋىدىيو خۇددى سىز مەن بىلەن يۇز تۇرانە تۇرۇپ داۋالنىش ئىلىپ بىرىۋاتقاندەك تەسىرى بولىدۇ

پىروگىراممىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ

بىرىنجى دەرس
ھازىرغا دىققىىڭىزنى بىرىشنى ئۈگۈنۈڭ. بىز كۆپۈنچە خىياللار ئىچىگە چۇڭقۇر چۆكۈپ كىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھازىردا ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ھازىز بىزنىڭ ھەممىنى يىڭىدىن باشلاش نوقتىمىز. ھازىغا دىقىتىمىزنى بەرمىگەنلىك تۈپەيلى بىز روھى بىسىم ۋە ئۆزىمىز بىلەن بولغان ئۇرۇش ئىچىدە قالىمىز. كاللمىزدىكى بۇ قالايمىقانچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ھازىرغا قايتىپ كىلىشىمىز، كاللىمىزدا تىنىچلىق پەيدا قىلىشنى بىلىشىمىز بەك مۇھىم. ئاندىن بىزدە بىر ئىنىقلىق پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.

ئىككىنجى دەرس
ئۆزىڭىز توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىڭىز بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ. بىز ئويلاپ باقمىغان، سۇئالغا تارتىىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئۆزىمىز توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار، باشقىلار توغرىسىدىڭى كۆز قاراشلار ۋە ھايات توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمىز دەل بىزنىڭ ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك بولغان پىروگىراممىمىز. مەن بۇ دەرستە سىزنىڭ بۇ كونا پىتروگىراممىڭىز بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىڭىزغا يىتەكچىلىك قىلىمەن.

ئۈچىنجى دەرس
سىزنىڭ كۆنۈپ قالغان ئادەتلىرىڭىز نىمە؟ داۋاملىق توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىپ قالىدىغان ئشلار بىزنىڭ ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك بولغان ئادەتلىرىمىز. بۇ ئادەتلەرنى پەقەت ئىرادە بىلەنلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. بىز كونا ئادەتنى، يەنى ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك بولغان ئادەتنى تونۇپ يەتكەندىن كىيىن، ئۇ ئادەتنىڭ ئۇرنىنى باسىدىغان يىڭى بىر ئادەتنى تىپىپ چىقىشىمىز كىرەك. ئاندىن بۇ يىڭى ئادەتنى كاللىڭىزدا مەشىق قىلىشتىن باشلاش بەك مۇھىم. چۈنكى كاللىمىزدا پەيدا قىلغان تەسەۋۇرنىڭ ھازىردا يۇز بىرىۋاتقان ياكى بىرىۋاتمىغانلىقىنى بەدىنىمىز پەرىق ئىتەلمەيدۇ. شۇڭا كاللىڭىزغا قانداق خىياللارنى كەلتۈرۈشكە دىققەت قىلىشىڭىز بەك مۇھىم. بىز بۇ يىڭى ئادەتىنى كاللىمىزدا مەشىق قىلغاندا مىڭىمىزدىكى كونا ئادەتلەرگە كونۈپ قالغان نىرۋىلارنى يىلتىزىدىن ئۆزگەرتەلەيمىز. بۇ دەرستە بىز قايسى ئادەتلەرتنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەكلىكىنى تونۇپ يتىمىز. بۇ بىزنىڭ كىيىنكى دەرستە يىڭى ئادەتلەرنى تونۇپ يىتىشىمىز ۋە ئۇلارنى مەشىق قىلىشىمىزغا يول ئاچىدۇ.

تۆتىنجى دەرس
بۇ دەرس ئالدىنقى قىتىملىق دەرسنىڭ داۋامى. بۇ دەرستە بىز يىڭى ئادەتلەرنى تونۇپ يىتىپ ئۇلارنى كاللمىزدا مەشىق قىلىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق يىڭى نىرۋا يوللىرىنى ئاچىمىز. كەلەۈسىڭىزدە ئۆزىڭىنى قانداق كۆرۈشنى خالايسىز؟ بۇ دەرستە بىز سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنىڭ ئاساسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمىز.

بەشىنجى دەرس
ئۆزىڭىزنى خىيال قىلغان كەلگۈسىگە لايىق دەپ قاراش سىزنىڭ بۇ كەلگۈسىگە ئىرىشىشىڭىزنىڭ ئاچقۇچى. سىز ھەرقانچە گۈزەل خىياللارنى قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنى بۇ كەلگۈسىگە لايىق ئەمەس ياكى بۇنى مۈمكىن ئەمەس دەپ ئويلىسىڭىز، بۇ كەلگۈسىنىڭ ھاياتىڭىز كىرىشىنى توسۇپ قويىسىز. سىزنىڭ يولىڭىزنى توسۇپ تۇرىۋاتقان بۇ تامنى تۈزلەش، ئىچىڭىزدىكى ئۆز قىممىتىڭىز توغرىسىدىكى گۇمانىڭىزنى تازىلاش سىز خىيال قىلغان ھاياتنى يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى. بۇ دەرستە بىز ئۆزىنى شەرىتسىز سۆيۈش دىگەن ئۇقۇمنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە بۇ خىل ئۆزىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ھاياتىمىزغا قانداق ئاكتىپ ئۆزگرىشلەرنى ئىلىپ كىلەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلىشىمىز

ئالتىنجى دەرس
قورقۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىزگە توسالغۇ بولىدىغان ھىسىياتلارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ باشقا ئىنسانلارنىڭ بىزدە كۆرىلىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلماسلىقىدىن قورقۇش ھىسىياتى بۇ جەرياندا يۈز بىرىدىغان نورمال ھىسىيات. بۇ ھىسىياتقا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى بىلىش، ئۇنىڭدىن قاچماسلىق ۋە بۇ ھىسىياتتىن بۆسۈپ ئۆتۈش سىزنى روھى ئەركىنلىككە باشلاپ بارىدۇ
بىز ئۆزىمىزدە مۇشۇنداق روھى ئەركىنلىكنى پەيدا قىلالىغان ۋاقىتتا، باشقلارغا ساغلام چەك قويالايمىز ۋە ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرالايمىز. بۇ جەرياندا بىز ئۆزىمىز بىلەن باشقا ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا شەككىللىنىپ قالغان يۇقۇرى تۆۋەنلىك ياكى باشقا جەھەتلەردىكى پەرىقلەردىن ئۈستۈن كىلەلەيمىز. قارشىمىزدىكى ئىنساننى ئۆزىمىز بىلەن باراۋەر كۆرۈپ مۇئامىلە قىلالايمىز

يەتتىنجى دەرس
ئۆزىڭىزنى پۈتۈلەي قوبۇل قىلىشنى ئۈگۈنۈش بۇ دەرسنىڭ ئاساسى مەرمۇنى. ئۆزىنى قوبۇل قىلىش ئۆزىنى كەچۈرۈشتىن، ئۆتمۈش بىلەن ساغلام ۋە دوستانە مۇناسىۋەت قۇرۇشتىن، ئۆزىڭىزگە قارىتا ھىستاشلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن باشلىنىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى كەچۈرۈشنى ئۈگەنگەندە، ئاندىن باشقىلارنى كەچۈرەلەيمىز. باشقىلارنى كەچۈرۈش ھەرگىز سىزگە زىيانلىق بولغان ئىسانلارنى قايتىدىن ھاياتىڭىزغا ئىلىپ كىرىڭ دىگەنلىك ئەمەس. بۇ دەرستىكى مەشىق ئارقىلىق سىز ھەم ئۆزىڭىزنى كەچۈرۈشنى ھەم باشىلارنى كەچۈرۈشنى ساغلام شەكىلدە يىتىلدۈرۈشنى ئۈگىنەلەيسىز

يوللىنىۋاتىدۇ)سەككىزىنجى دەرس)

ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزدىن چوڭ بولغان بىر كۈچكە تاپشۇرۇپ ياشاش ھاياتىمىزغا نۇرغۇن خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىق ئىلىپ كىلىدۇ. مەيلى سىز دىندار بولۇڭ ياكى بولماڭ، سىزنىڭ بىر ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىڭىزنى ھازىر پەن تىخنىكىمۇ ئىنكار قىلمايدۇ. بىز بۇ ياراتقۇچى كۈچ بىلەن توغرا مۇناسىۋەت ئورۇنتۇشنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئۈستىمىزدىكى يۈكنى بۇ ياراتقۇچىغا تاپشۇرالايمىز. بولمىسا پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ياشايدىغان، ھەممە نەرسىدىن ئەنسىرەيدىغان، ھەممە نەرسىنى كونتورۇل قىلىشنى خالايدىغان بىچچارە بىر ئىنسانغا ئايلىنىپ قالىمىز. سز بىر ئىشنى پەقەت ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپلا ھەل قىلالمايسىز. بۇ دەرستىكى مەشىن ئارقىلىق سىز بۇ چۈشەنچىنى ھاياتىڭىزغا سىڭدۈرەلەيسىز

كۇرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق سۇئالىڭىز بولسا مەن بىلەن تۆۋەندىكى جەدۋەل ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ. بۇ كۇرۇستىن ياخشى پايدىلىنىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن

%d bloggers like this: