مەسلەھەت ئىلىش

پىسخولوگ، گىپنوز بىلەن داۋالىغۇچى، مىدىتاتسىيون ئ‍وقۇتقۇچىسى، يوگا ئوقۇتقۇچىسى

مەن دوختۇر ئەمەس. ئەگەر سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز ئىغىر ۋە مىدىتسىنالىق داۋالاشقا ئھتىياجلىق بولسا دوختۇرغا كۆرۈنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن.

پىسخولوگىيەلىك مەسلەھەت ئىلىش ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار

ۋاقىت ئىلىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ. ئەگەر بۇلارنى ئ‍وقىماي، كىيىن خاتا چۈشۈنۈش بولۇپ قالسا، بۇنىڭغا ئۆزىڭىز مەسۇل بولىسىز

پىسخىكا مەسلەھەتى فىزولوگىيەلىك كىسەللىك ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ

پىسخولىەىيەلىك مەسلىھەت ئىلىش سىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى روھى بىسىلملارغا توغرا پوزىتسىيە تۇتۇشىڭىزغا، ئۆزىڭىزنى تونۇپ يىتىشىڭىزگە ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشىڭىزگە ياردەم قىلالايدۇ. ھاياتتا يۈز بەرگەن ئىگىز پەسچىلىك، ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇش، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى بولماسلىق ۋە ئۆزىنى يىتەرسىز ھىس قىلش ھىسىياتلىرى بىزنى بەزىدە ئەندىشىگە ۋە روھى چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ. بۇ ئەھۋالدا پىسخولوگ بىلەن پاراڭلىشىش سىزنىڭ مەسىلىلەرنى تورا بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغا، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى تورغۇزىشىڭىزغا ۋە پايدىلىق بولغان ئادەتلەتلەرنى يىتىلدۈرىشىڭىزگە ياردەم قىلىدۇ

پىسخولوگ سىزدىكى بىنورمال پىسخىكا ھالىتى، مەسىلەن، غەيرى ئاۋازلارنى ئاڭلاش، ھاياتتىن ئۈمۈت ئۈزۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشنى ئويلاش دىگەندەك جىددى ئەھۋاللىرىڭىزغا ياردەم قىلالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دوختۇرغا كۆرۈنىشىڭىز بەك مۇھىم. ئەگەر ھاياتىڭىزدىن ۋاز كىچىش خىيالى بولسا، دەرھال سىز ياشاۋاتقان رايوندىكى جىددى قۇتقۇزۇش نۇمۇرىغا تىلفۇن قىلىڭ

پىسخولوگىيەلىك مەسلەھەت ئىلىشنىڭ ئالدىدا بۇلارنى ئوقۇپ چىقىڭ

مەسلەھەت سوراش جەريانىدا دىيىلگەن ھەممە سۆزلەر سىز بىلەن مەسلەھەت بەرگۈچى ئوتتۇرىدا مەخپى تۇتۇلىدۇ. ئەگەر مەسلەھەت بەرگۈچى سىزگە ياردەم قىلىشقا كۆزى يەتمىسە، سىزدە كۆرۈلگەن ئەھۋاللارنى ئىغىر دەپ ئويلىسا، سىزنى دوختۇرغا كۆرۈلۈشكە تەۋسىيە قىلىدۇ. دوختۇرغا كۆرۈلۈش سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز.

مەسلەھەت ئىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ئ‍ىلىپ قويۇپ، 24 سائەتتىن ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرسىڭىز، مەسلەسەت ئىلىش ھەققىنىى ئوخشاش تولۇق تاپشۇرىسىز. شۇڭا ئەگەر مەسلەھەت ئىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرماقىچى بولسىڭىز، مەسلەھەت ئىلىش ۋاقتى باشلىنىشتىن 24 سائەت بۇرۇن خەۋەر قىلىشڭىز كىرەك. بۇلارنى قوشۇلغاندىن كىيىن مەسلەھەت ئىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مەسلەھەت ئىلىش ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزمۇ ئوخشاش مەسلەھەت ئىلىش ھەققىنى تاپشۇرىسىز.

يۇقۇرلارغا قوشۇلسىڭىز، تۆۋەندىكى كونۇپكا ئارقىلىق مەسلەھەت ئىلىشقا ۋاقىت ئالسىڭىز بولىدۇ. مەسلەھەت ئىلىش ۋاقتى نورمالدا 60 مىنىۇت داۋاملىشىدۇ

ياكى 4 سەئەتلىك مەسلەھەت ھەققىنى بىراق تاپشۇرۇپ 4 ھەپتە ئىچىدە قوللانسىڭىز بولىدۇ. تۆت ھەپتىدىن كىيىن ئىشلىتىلمىگەن ۋاقتىڭىز بىكار بولۇپ كىتىدۇ. ئىشلىتىلمىگەن ۋاقىتنىڭ پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ

مەسلەھەت ئىلىش ھەققى

بىر سائەتلىك مەسلەھەت ئىلىش ھەققى 63 دوللار

تۆت سائەتلىك مەسلەھەت ئىلىش ھەققى 221 دوللار. بۇ ۋاقىت 4 ھەپتە ئىچىدە ئىشلىتىلىشى كىرەك

باشقا سۇئالىڭىز بولسا تۆۋەندىكى ئالاقىلشىش جەدۋىلى ئارقىلىق ماڭا ئۇچۇر يوللاپ

%d bloggers like this: