يىگىرمە بىر كۈنلۈك مىدىتاتسىيون كۇرسىغا خوش كەلدىڭىز. بۇ كۇرۇستا مەن ھەر كۈنى يىڭى بىر مىدىتاتسىيوننى سىلەرگە يوللاپ بىرىمەن. بۇ كۇرۇسنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا سىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزنى يىڭىچە بىر ئۇسۇلدا باشلاشنى ئۈگۈتۈش، ساغلاملىققا پايدىلىق بولغان ئادەت يىتىلدۈرۈش ۋە سىزنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان قورقۇ ۋە پاسسىپ پوزىتسىيەلەردىن قۇتۇلۇش

ھەر كۈنى كۇرۇس باش بىتىگە يىڭى مىدىتاتسىيون يوللىنىدۇ. بۇ دەرسلەر 21 كۈندىن كىيىن يوقاپ كىتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى سىزنىڭ بۇ كۇرۇسقا سالغان مەپلىغىڭىزنى ياخشى ئىشلىتىپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەر كۈنى قاتنىشىشىڭىز ئۈچۈن
كۇرۇسقا بۇ يەردىن تىزىملىتىڭ
بۇ كۇرۇس 2. ئاينىڭ 1. كۈنى باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن كىيىن تىزىملاتسىڭىز، كۇرۇس مەزمۇنىنى 2. ئاينىڭ 21. كۈنگىچە كۆرەلەيسىز. كۇرۇس مەرمۇنىنى ئاۋازغا ئىلىپ تارقاتماڭ، قىلغان ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن. باشقىلارغا بىكارلىق بەرمەڭ. ئۆزىڭىز پايدىلىنىڭ